بىنالى يىلدىرىم بارتىندا دېموكراتىيە نۆۋىتىدە تۇرۇۋاتقان خەلققە خىتاب قىلدى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ) نىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىدىن بۇيان، پۈتكۈل خەلق تۈركىيەدە مەيدانلاردىن ئايرىلماي «دېموكراتىيە نۆۋىتى» نى داۋاملاشتۇردى.

537000
بىنالى يىلدىرىم بارتىندا دېموكراتىيە نۆۋىتىدە تۇرۇۋاتقان خەلققە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بارتىن ۋىلايىتىدە دېموكراتىيە نۆۋىتىدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە تېلېفوندا خىتاب قىلدى ۋە دېموكراتىيە نۆۋىتىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى. ئۇ بارتىننىڭ ھەردائىم دۆلەت ۋە خەلقنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىمۇ پۈتۈن دۆلەتتىكىگە ئوخشاش، بارتىندىمۇ مىللىي ئىرادىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«15 – ئىيۇل ناھايىتى زۇلمەتلىك ۋە ئۇزۇن بىر كېچە ئىدى. ئەمما، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى بىر نۇقتىنى ئويلىيالمىدى. ئۇلار ئويلىيالمىغان نۇقتا، تۈركىيەگە ئاشىق، دۇنيا رەھبىرى ۋە باش قوماندان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىدى. ئۇ نۇقتا -خەلقنىڭ ئىرادىسىنى قولىدا تۇتقان، خەلقنىڭ قوللىشى ۋە دۇئاسى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 65 – ھۆكۈمەت ئىدى. ئۇلار دۆلىتىگە، خەلقىگە ۋە بايرىقىغا سادىق، ئىستىقلالغا بولغان سۆيگۈ بىلەن مەيدانلارنى تولدۇرغان ئەزىز خەلقنى ئويلىيالمىدى، بىراق ئىش ئاخىرلاشمىدى. يەنە بىر مەزگىل مەيدانلاردا بايرام شادلىقى ئىچىىدە دېموكراتىيە نۆۋىتىنى تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى دەپ ئايرىماستىن، بارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەمدە جامائەت ئەرباپلىرى بىلەن بارتىننىڭ مەيدانلىرىنى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدۈرىمىز. تۈركىيەگە، پۈتكۈل دۇنياغا، تۈركيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققە بولغان ئاشىقلىقىنى ئەڭ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر