بىنالى يىلدىرىم جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ ) نىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

535037
بىنالى يىلدىرىم جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە، جو بايدىن تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئىسيانى قارشىسىدا نامايان قىلغان جاسارىتىنى ماختىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ باشتىن تارتىپ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئىسيانىنى ئەيىبلىگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئىتتىپاقداشلارنىڭ تۈركىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئارزۇ - ئۈمىدنى بىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىل سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارار بېرىشى كېرەكلىكىنى، ھەر ئېھتىمالغا قارشى تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىممۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە خەلق بىلەن ساقچى قىسىملارنىڭ باتۇرلارچە قىلغان كۈرىشى نەتىجىسىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقانلىقىنى ئېيتتى.  

ئۇ تېررورىستلارنىڭ 246 بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 1536 ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، فەتھۇللاھ گۈلەن ۋە ئۇ باشچىلىق قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زىيانلىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ 15 – ئىيۇل كېچىسىدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ بېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىلتىماس – تەلەپلەرنى ئەۋەتكەنلىكلىرىنى ۋە بىر ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىدىن كۈتىدىغانلىرىنىڭ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر