قولغا ئېلىنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ سانى 10410 غا يەتتى

ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ سانى 10410 غا يەتتى.

534705
قولغا ئېلىنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ سانى 10410 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەھبىرى ۋە پارتىيە باياناتچىسى  ياسىن ئاقتاينىڭ ئېيتىشىچە، ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ سانى 287 سى ساقچى، 7 مىڭ 423 ى ئەسكەر، 2 مىڭ 14 ى سودىيە ۋە تەپتىش، 686 سى پۇقرا بولۇپ، جەمئىي 10 مىڭ 410 غا يەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزى قارار چىقىشى ئورگىنى يىغىنى باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارتىيە مەزكىرىدە چاقىرىلغان، يىغىندا كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر