دۇنيانىڭ نەزىرى ئەنقەرەنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىدىغان «مۇھىم» قارارىغا مەركەزلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پايتەخت ئەنقەرەگە كەلدى.

533188
دۇنيانىڭ نەزىرى ئەنقەرەنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىدىغان «مۇھىم» قارارىغا مەركەزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەن گىرۇزىيە باش مىنىستىرى گىئورگى كىۋىرىكاشۋىلىنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈگۈن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ئىچكى كابىنت يىغىنلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئەردوغان تۈنۈگۈن (سەيشەنبە) ئىستانبۇلدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن بۇيان ئۆيىنىڭ ئالدىدىن كەتمەي تۇرغان يۈزمىڭلارچە كىشىگە خىتاب قىلىپ، «ھۆكۈمىتىمىز مۇھىم بىر ئىشقا تەييارلىق قىلماقتا. دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىمىزنى يىغىنغا چاقىرىمىز، ئارقىدىن ئىچكى كابىنت يىغىنى ئاچىمىز. ئاخىرىدا ناھايىتى مۇھىم بىر قارارنى ئېلان قىلىمىز. سۈرئەت بىلەن قارار چىقىرىپ، سۈرئەت بىلەن نەتىجە ئېلىشىمىز لازىم» دېگەنىدى.

بۇ يىغىنلار، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ خائىنلارچە قىلىنغان ھەرىكەت كېچىسىدىن بۇيان ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كېلىپ رىياسەتچىلىك قىلىدىغان تۇنجى يىغىنلىرى بولۇش نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىغىنلاردا چىقىرىلىدىغان قارارلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر