20 ۋەتەن خائىنى ئۇجۇقتۇرۇلدى
كەڭ كۆلەملىك تازىلاش دائىرىسىدە 20 ۋەتەن خائىنى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
533231
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرق رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 20 تېررورىست يوقىتىلدى.
باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاقۇرق رايونىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلغان نىشانلارنى بومباردىمان قىلغان، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى ۋە پاناھجاھلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغاندىن كېيىن بازلىرىغا قايتقان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.