ئەردوغان خەلقنىڭ «ئۆلۈم جازاسى» نى قايتىدىن يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنى بومباردىمان قىلغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ «ۋەتەن» دەيدىغان بىر ئەندىشىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.
![ئەردوغان خەلقنىڭ «ئۆلۈم جازاسى» نى قايتىدىن يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9c51/ccbe/e272/578bb05ec7681.jpg?time=1718851227)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەرەپدارى تېررورچىلارغا قارشى بىرلىك ئورنىتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «دۆلىتىمىزنى ئۇلارغا ھەرگىزمۇ تارتقۇزۇپ قويمايمىز» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى ئۆيىنىڭ ئالدىغا توپلانغان خەلققە خىتاب قىلدى. خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپلىگەن جايلاردا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ئامېرىكا دائىرىلىرىگە قىلغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشىنىڭ قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىنى توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.
ئەردوغان سۆزىگە قۇلاق سېلىۋاتقان خەلقنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە بولسا، «بۇ جەھەتتە چوقۇم بىر قارار چىقىرىلىدۇ. بۇ تەلىپىڭلارنى ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىلىمىز، ئاڭلاۋاتىمىز. سىلەرنىڭ بۇ تەلىپىڭلارغا قۇلاق يۇپۇرالمايمىز. دېموكراتىك تۈزۈملەردە خەلق نېمە دېسە، ئۇ بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمىتىمىز باش ئۆكتىچى پارتىيە بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق چوقۇم بىر قارار چىقىرىدۇ، دەپ ئويلايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.
ئەردوغان خەلقنىڭ مەيدانلاردىن كىرىپ كەتمەسلىكىنى، كوچىلارنىڭ بىكار تاشلاپ قويۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718851227)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718851227)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.