«ياۋروپا ئىتتىپاقى رايون دۆلەتلىرىنى چەتكە قېقىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك»

باش مىنىستىر يىلدىرىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رايون دۆلەتلىرىنى چەتكە قېقىشتىن ۋاز كېچىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

517643
«ياۋروپا ئىتتىپاقى رايون دۆلەتلىرىنى چەتكە قېقىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىغانلىقى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تاپقان ھالدا يولىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىنى خالايمىز. بۇ مەسىلە ياۋروپانىڭ تىنچلىقى، رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلىدە ئۆزىنى باشقا رايون دۆلەتلىرىدىن ئېلىپ قاچىدىغان ۋە باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ھەممىنى باغرىغا بېسىشى ۋە پارلاق كېلەچەك يارىتىشى لازىم. تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزالىق مۇزاكىرە باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەزا بولۇپ بولماسلىق قارارىنى تۈركىيە خەلقى بېرىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ تەبىئىي ئىش بولمىسا كېرەك. بىز بۇ ھەقتە تولۇق خىزمەت ئىشلەيمىز، تەييارلىقلىرىمىزنى پۈتتۈرىمىز. شۇ كۈن يېتىپ كەلگەن چاغدا، قارار بېرىش ھوقۇقى تۈركىيە خەلقىگە ئائىتتۇر. سايلام رىقابىتى جەريانىدا كېمىرىن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۈركىيەنى كوزېر قىلغانىدى. يەنى سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنى ئەزالىققا قوبۇل قىلماسلىقىنى نىشان قىلغان ھالدا ئېلىپ بارغانىدى. تۈركىيەگە قارشى ئاجايىپ - غارايىپ گەپلەرنى قىلغان بولۇشىغا قارىماي ئەنگلىيە خەلقى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قىلچە ئېتىبارغا ئالمىدى، ئۇنىڭ تۈركىيە توغرۇلۇق ئويلىغانلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بۇ قارارى ئارقىلىق كېمىرىنغا بىلدۈردى. راستىنى ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ ئەزالىقى ئۈچۈن ۋاقىت توختاتقان كېمىرىنغا ئەنگلىيە خەلقى تارىخىي ساۋاق بەردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ توختاتقان ۋاقتىنى ئىناۋەتسىز قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر