ئەردوغان: خەلقىمىز مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىسىلەر، بىزمۇ...

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنى خەلقى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەزالىققا قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

516364
ئەردوغان: خەلقىمىز مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىسىلەر، بىزمۇ...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقىنى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان ھالدا، «سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمايسىلەر، سىلەرنىڭ ئەپتىڭلار بۇ. ئەردوغان بۇ ئەپتىڭلارنى ئېچىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن ئەسەبىيلىشىپ كېتىپ بارىسىلەر» دېدى.

ئەردوغان ياۋروپا كومىتېتى باشلىقى جېئىن كلاۋدې يۇنكېرنىڭ «ئەگەر (مۇساپىرلارنى) قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمى بۇزۇلسا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك خەلقىگە ياۋروپاغا نېمىشقا ۋىزىسىز بارالمىغانلىقىنى ئىزاھلىشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئى باشلىق! سەن تۈرك مىللىتىنى بىلمەيدىكەنسەن. بۇ مىللەت ئۇ يەردىن كېلىدىغان ۋىزا ئىمىش، قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىشمىش... بۇلارنىڭ كويىدا ئەمەس، ئەسلىدە سىلەر تۈركىيەنىڭ پىشىدىن كېتىۋاتىسىلەر» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قويۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقىنىڭ سىگنالىنىمۇ بەرگەن ئەردوغان، «ئى ياۋروپا ئىتتىپاقى! سىلەر بىزنى خەلقىمىز مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلمايسىلەر. بۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىنكار قىلالمايسىلەر. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماي ۋىزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش مەسىلىسىدىن ۋايسىسا، بىزمۇ خەلقتىن ‹ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرايلىمۇ ياكى توختىتايلىمۇ؟› دەپ سورايمىز. بۇ مىللەت نېمە دېسە، بىز ئۇنى ئىجرا قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر