يىلدىرىم: تۈركىيە تۇزاقلارنى بۇزۇپ تاشلىغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيەنىڭ 79 مىليون پۇقراسى بىلەن تېررورنى بىر تەرەپ قىلالىغۇدەك ۋە ھەر تۈرلۈك تۇزاقلارنى بۇزۇپ تاشلىغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

513718
يىلدىرىم: تۈركىيە تۇزاقلارنى بۇزۇپ تاشلىغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر يىلدىرىم، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار سىياسەتلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن ئىزمىر ۋالىيلىقىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلاشقان ھالدا شېھىت ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا بېغىشلاپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىزمىردىكى ئىپتار زىياپىتىدە سۆز قىلىپ، تېررورنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك دۆلەت مىقياسىدا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكۈچە تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۆزى ئەسناسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن ۋاكالەتچى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقان دۆلەتلەرگىمۇ خىتاب قىلغان باش مىنىستىر يىلدىرىم، «بىز بۇ تېررورنى ھەل قىلىمىز، لېكىن سىلەر بۇلارنى قوللىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، بىر كۈنى بۇ ئۇلۇغ مىللەتنىڭ يۈزىگە قارىيالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىسىلەر» دېدى.

تېررورغا بېرىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاۋابنىڭ ئىزمىردا بىر يەرگە جەم بولغان بۇ بىرلىك، قېرىنداشلىق مۇھىتى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان باش مىنىستىر يىلدىرىم، تۈركىيەنىڭ 79 مىليون پۇقراسى بىلەن بىر ۋەتەن، بىر مىللەت، بىر دۆلەت ۋە بىر بايراق ئاستىدا ئەبەدىي ياشاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەدىن، قانۇندىن، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكتىن، مەدەنىيەت يۈرۈشىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

شېھىتلەرنىڭ ئاتا – ئانىلىرى، رەپىقىلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە يېقىن – يۇرۇقلىرىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كاپالىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بىنالى يىلدىرىم، بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىشتىن يىراق تۇرمىغانلىقلىرىنى، يىراق تۇرمايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر