تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى نورماللىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ
تۈركىيە – رۇسىيە ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق قەدەملەرنى تاشلاش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيە ھاۋا ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلىشى تۈپەيلى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلىشى بىلەن كىرىزىسكە دۇچار بولغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە مۇناسىۋەتلەرنى نۇرمالاشتۇرۇش سېگنالى كېلىشكە باشلىدى.
ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق قەدەملەرنى تاشلاش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا.
تۈركىيە 9 قەدەمدىن تەركىپ تاپقان يول خەرىتىسى بەلگىلەپ چىقتى.
تۈركىيە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن ئۆزئارا تەڭ قەدەملەرنى تاشلاش ئارقىلىق ئىلگىرىلەشنى پىلانلىدى.
تۈركىىيە بۇ جەھەتتە ئوتتۇرىدا بىرەر دۆلەتنىڭ مۇرەسسەچە بولۇشىنى خالىمايدۇ. شۇنداق بولغاندىلا تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ھەر ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرىكى سەۋىيەگە ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن مېدىيا ۋە خەلق ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش باسقۇچى شەكىللەندۈرىلىدۇ.
ئاخىرىقى نىشان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئايروپىلان چۈشۈرىۋېتىلىشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە ئېلىپ كېلىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
جەمئىي 6 ئاي داۋاملىشىدىغان بۇ نورماللىشىش باشقۇچىنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا، تۈركىيە رۇسىيەدىكى بارلىق پائالىيەتلەرگە ۋە يىغىنلارغا ھەر قايسى مىنىستىرلىقلاردىن يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار سەۋىيەسىدە قاتنىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.