قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نورماللىشىشىنى خالايمىز

باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نورمال ھالەتكە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

511305
قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نورماللىشىشىنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مۇخبىرلىرى بىلەن ئەنقەرەدىكى بىر رېستوراندا ئىپتار زىياپىتىدە ئۇچراشتى. قۇرتۇلمۇش، 24 – نويابىردا قايتا – قايتا ئاگاھلاندۇرۇلغان بولۇشىغا قارىماي چېگراغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن چۈشۈرۈۋېتىلگەن رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيە – رۇسىيە ئارىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىشىدىن بۇيانقى تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقە توغرىسىدا توختالدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ 12 – ئىيۇن رۇسىيە دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇس مەنسەپداشلىرىغا يوللىغان مەكتۇپلىرىغا ئىشارەت قىلغان قۇرتۇلمۇش، «رۇسىيە تەرەپتىنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سېگنالنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇمھۇر رەئىسىمىز ۋە باش مىنىستىرىمىزنىڭ مەكتۇپلىرى بىلەن بۇ نورماللىشىش مۇساپىسىدە مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغان بولدى. بۇ شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ بۇ مۇساپىنىڭ نورماللىشىشى توغرىسىدىكى ئىرادىسىنىڭ بايان قىلىنىشىدۇر» دېدى.

تۈركىيە تەرەپتىن تاشلانغان بۇ قەدەمنىڭ تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ بارلىق سىياسىي مەسىلىلەردە چۈشىنىش ھاسىل قىلغانلىقى، رايوندىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋەتكەنلىكى دېگەنلىك بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن نۇمان قۇرتۇلمۇش، «سۈرىيە مەسىلىسى قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردىكى پىكىر ئوخشىماسلىقىمىز داۋاملىشىشى مۇمكىن. لېكىن، نەتىجىدە ئەسلىدىكى ئىشنىڭ ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ ئارىسىدا تىنچلىق ئورنىتىلىشىدۇر. ئوتتۇرىغا چىققان راھەتسىز قىلغۇچى مەسىلىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن، رۇسىيەنىڭمۇ تۈركىيەدىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى ۋە بىر – بىرىنى ئاسانلىقچە نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ھەر ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ چوڭقۇر ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر