ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى.

509001
ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا قىتئەسىگە قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. تۈركىيە ئۇنتۇپ كەتكەن قىتئەگە «ئافرىقىغا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغان ئەردوغان ناھايىتى كۆپ  ساندىكى كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت بىلەن ئۇگاندا، كېنىيە ۋە سومالىدا زىيارەتتە بولدى. زىيارەت كۆپلىگەن جەھەتلەردىن مۇھىم ئۇچرىشىشلارغا زېمىن ھازىرلاپ بەردى. ئافرىقا خەلقلىرى ۋە تۈركىيە خەلقىگە يەنە دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ ئىشىكلىرىنى كەڭ ئاچتى.

ئافرىقا زىيارىتى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئېيتقان بىر ماقال - تەمسىل بىلەن مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئايلاندى. زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان ئۇگاندادا مۇنداق بىر ماقال – تەمسىلنى خاتىرىلەتتى: «گۆشنى چاينىيالايدىغان چىشلار بىرلىكتە بولغان چىشلاردۇر.» ماقال – تەمسىللەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئامىللاردۇر. ئۇگاندالىقلار بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتلىرىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرى ئارقىلىق كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگەن. ئافرىقىدا ئوۋ ئوۋلاش ۋە ئوۋلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى ئەڭ مۇھىم ئۇزۇق – تۈلۈك ماددىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئافرىقىلىقلارغا ناھايىتى ئايانكى، بىر ئوۋ ھايۋىنىنىڭ گۆشىنى يېيىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچىلاپ يېگىلى بولىدىغان چىشلارغا ئىگە بولۇش لازىم. ئاغىزدىكى بىرقانچە چىش كەم بولسا، گۆشنى پارچىلاپ يېيىش تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. يەنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىكتىن كۈچ تۇغۇلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدە بەرگەن باياناتلىرىدا دائىم دېگۈدەك: «بىر بولايلى، كۈچلۈك بولايلى، تىرىك بولايلى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ. يەنە بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ھەممىگە ئايانكى، دۆلەتلەرنى، مەدەنىيەتلەرنى ۋە كۈلتۈرلەرنى ياشنىتىدىغان بىردىن - بىر كۈچ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكتۇر.

ئافرىقىدىكى پارچىلىنىش ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەھلىكىسى بولۇش باسقۇچى دەل بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن باشلانغان. بەزى قەبىلىلەر جاھانگىرلارنىڭ ئۆزلىرىگە يارىتىپ بەرگەن شەرت – شارائىتلارغا ئالدىنىپ، قېرىنداشلىرىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇشلاردا يۈز مىڭلارچە ئافرىقىلىق ھاياتىدىن ئايرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتى جەريانىدا، «بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ھالقىسىغا مەھكەم ئېسىلساق، تېخىمۇ كۈچلۈك بولىمىز» تەرىقىسىدىكى سىگنالىدىن كېيىنكى ئىككىنچى سىگنالى مۇنداق: «دۇنيا 5 كۈچتىنمۇ چوڭ.» ھەممىنىڭ دىققىتىنى دۇنيادىكى تەڭسىزلىككە بۇرىغان ئەردوغان نە شۇنچە چوڭ ئافرىقا قىتئەسىدىن، نە 1.7 مىليارد نوپۇسقا ئىگە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىن ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىق دائىمىي ئەزاسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى، بۇ تەڭسىزلىككە خاتىمە بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى، نامرات دۆلەتلەر بىلەن باي دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىمچىلىق ئىزچىل داۋاملاشقان تەقدىردە، توقۇنۇشلار ۋە جېدەل – ماجىرالارنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەگەر جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئېسىگە ئالالىغان بولسا ئۇگاندا خەلقىنىڭ يەنە بىر ماقال – تەمسىلىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولاتتى: «بىراۋ يەنە بىراۋچىلىك باي بولغان ھامان، قېرىنداش بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈشكە باشلار.» بۇ ماقال – تەمسىلدە بايلىقنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا تەقسىم قىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىنىدۇ. ئۇگاندانىڭ كېلەچىكى بولغان ياشلارغا مۇنداق تەۋسىيە قىلىنىدۇ: «ئاراڭلاردىكى كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى سىلەرنى ئۆزئارا دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا ھۇشيار بولۇڭلار.»

تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ھەرگىزمۇ باشقا جاھانگىرلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئوخشىمايدۇ. دەرۋەقە تۈركىيە ئۇزۇن مۇددەت ئافرىقا قىتئەسىنى باشقۇرغان بىر ئىمپېرىيەنىڭ ۋارىسىدۇر. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پارچىلىنىپ كەتكەن چاغدا، سۇدان جامەلەردە خۇتبىلەرنى بىكار قىلماي، تاكى 1940 – يىللارغىچە: «بىز ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە قاراشلىقمىز» سىگنالىنى بەرگەن. ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ۋە ھەرقانداق بىر تۈرك ئافرىقىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولالايدۇ. ئافرىقىلىقلار تۈركىيەدىن بارغان بىر كىشىگە خۇددى يىراقتىكى ئۇرۇق – تۇغقىنىغا مۇئامىلە قىلغاندەكلا مۇئامىلە قىلىدۇ. تۈركىيەدىن بارغانلارمۇ قولى بوش بارمايدۇ. تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى تەرەققىيات لايىھەلىرىنى، تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى بولسا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ئالغاچ بارىدۇ....

 جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى كېنىيە ئىدى. ئەردوغاننىڭ ھەمراھلىقىدىكى تۈرك كارخانىچىلار كېنىيەدە نۇرغۇنلىغان ئۇچرىشىشلاردا بولدى، تۈرلۈك كېلىشىملەرنى تۈزدى. ئەردوغان كارخانىچىلارغا: «كېلەچەك مىڭ يىلنىڭ چولپىنى ئافرىقا بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئۇلۇغۋار نىشاننىڭ نېمىلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى بېكىتى تۈركىيە مىسلىسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى قىلىۋاتقان سومالى ئىدى. تۈرك كارخانىچىلار سومالى خەلقىگە 2011 – يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە يۈز مىليونلارچە دوللارلىق ياردەم بەردى. سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇنىڭ يوللىرى ۋە كوچا – كويلىرى ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ماشىنالار ئارقىلىق ئاسفالىتاشتۇرۇلدى. تۈركىيە سومالىدا ھەر كۈنى 8 مىڭ كىشىگە ئىسسىق تاماق تارقاتماقتا. دەسلەپتە 12 مىڭ كىشىگە تارقىتاتتى. تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ چېدىر شەھەرلىرىدە ئون مىڭلارچە سومالى خەلقى بىخەتەر ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياشىماقتا. يېتىمخانىلارنى تاماق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئۆز ئۈستىگە ئالماقتا. باشقىچە ئېيتقاندا، تۈركىيە سومالىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن مەبلەغ سالماقتا. تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن سەھىيە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلۇشى پۈتتى. بۇ مەكتەپتە سومالىنىڭ سەھىيە سىستېمىسى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە سىستېرالار يېتىشتۈرۈپ چىقىلىدۇ. بۇ سايىدا بالىلار ئەمدى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ.

 پۈتكۈل دۇنيا ناھايىتى چوڭ يالغانغا ئەگەشمەكتە. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىدە بەرگەن باياناتلىرىدا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى پاش قىلدى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئەمەلىيىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن پائالىيەتلىرىنىڭ ئافرىقىدا ئاچارچىلىق ۋە توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەردى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىنى بەزىلەر ھازىرچە چۈشىنىپ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما كېنىيە خەلقىنىڭ مۇنۇ ماقال – تەمسىلىدە ئېيتىلغىنىدەك، ھامان بىر كۈنى چوقۇم. چۈشىنىدۇ: «بىر يالغان قانچىلىك تېز بولسا بولسۇن، ھەقىقەت ھامان ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.»

ھەقىقەتنىڭ پۈتكۈل جاھاندا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمىز....

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر