تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.
![تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0853/2057/74ba/575d27620c65c.jpeg?time=1718829702)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتتىپاقداش كۈچلىرى سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش نىشانلىرىغا «بوران - چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا 8 دائېشچى ئۆلدى. دائېشنىڭ سۈرىيەدىن تۈركىيەگە بومبا ئېتىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.
تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشقا ئائىت قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى، كاتيۇشا راكېتامىيۇتلىرى ۋە مىناميوتلىرىدىن تەشكىل تاپقان 11 نىشاننى «بوران - چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ جاققا ۋە دۇۋەيبىك رايونلىرىنى ئۇدا 3 قېتىم بومباردىمان قىلدى.
دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى گۈزەل مەزرا ۋە يېڭى يابان رايونلىرىمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سىئىرتنىڭ ئەرۇھ ۋە شىرناقنىڭ بەيتۇششەباپ يېزىلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا تېررورىستلارنىڭ 6 ئۇۋىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.
ھاققارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسىدىكى بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلغان 6 تېررورىست يوقىتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718829703)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718829703)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.