نىھات زەيبەكچى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى

نېھات زەيبەكچى مۇراسىمدىكى نۇتۇقىدا، «ئاسېملاتىسيە قىلىش ۋە سىڭدۈرۈۋېتىش  مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ  شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە نىسبەتەن زادى قانداق مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش لازىم» دېدى.

508734
نىھات زەيبەكچى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ۋە ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن تەرەققىي تاپقان بىر شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نىھات زەيبەكچى، ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى.

نېھات زەيبەكچى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە دەسلەپتە جۇمھۇر رەئىس مۇستافا ئاكىنجى بىلەن كۆرۈشتى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى باشلىقى سىبەل سىبەرنىمۇ ئىشخانىسىدا زىياەت قىلدى، ئاندىن باش مىنىستىر ھۇسسەين ئۆزگۈرگۈن بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

نىھات زەيبەكچى ئاخىرىدا ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى سۇنات ئاتۇن بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى. 40 – نۆۋەتلىك خەلقئارا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇرامىسىغا ئىشتىراك قىلدى.

نېھات زەيبەكچى مۇراسىمدىكى نۇتۇقىدا، «ئاسېملاتىسيە قىلىش ۋە سىڭدۈرۈۋېتىش  مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ  شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە نىسبەتەن زادى قانداق مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش لازىم» دېدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن نېھات زەيبەكچى «ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ۋە ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ھەمدە تېخىمۇ كۆپ سېلىنمىلار ئارقىلىق ئۆز پۇتىغا تايىنىپ تۇرالايدىغان، بېلىق بېرىشنىڭ ئورنىغا، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەنگەن بىر شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئارزۇ قىلدۇق. بۇنىڭ نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرۈشنى  ئۈمىت قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر