ئەردوغان بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتنىشىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ، بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ جىنازا نامىزىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 3 – ئىيۇندا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ جىنازا نامىزىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بارىدۇ.
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە مۇھەممەد ئەلىنىڭ جىنازا نامىزىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن، چارشەنبە كۈنى كېچە ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىدىكەن.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئىمام زائىد شاكىر تەرىپىدىن چۈشۈرۈلىدىغان جىنازا نامىزىدا سەپ تۇتقاندىن كېيىن، نۇرغۇن جامائەت بىلەن بىرلىكتە جۈمە كۈنىدىكى مۇھەممەد ئەلىنى ئەسلەش ۋە ئۇنى يەرلىككە قويۇش مۇراسىمىغىمۇ قاتنىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.