تۈركىيەگە ئەرەب ساياھەتچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كېلىدۇ؟

يېقىنقى يىللار مابەينىدە تۈركىيەگە ئەڭ كۆپ كېلىۋاتقان ئەرەب ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان سەۋەبلەر نېمىلەر؟

504295
تۈركىيەگە ئەرەب ساياھەتچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كېلىدۇ؟
arap turistler.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى بارغانچە ئاشماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە كۈچەيگەن تۈرك-ئەرەب مۇناسىۋەتلىرى تۈرتكىسىدە ساياھەتچىلىك ساھەسىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى.

تۈركىيە چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمۇ ئەرەب ساياھەتچى سانىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

ئەرەب ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقان شەھەرلەر ئارىسىدا تەبىئىي، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرى مول بولغان ئىستانبۇل ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. قارادېڭىز رايونىنىڭ يېشىللىقى، تۈزلەڭلىكلىرى، يايلاقلىرى، ئېقىن سۇلىرى ۋە شاقىراتمىلىرىمۇ ئەرەب ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلماقتا.

ئەرەبلەر ياقتۇرىدىغان ساياھەت مەركەزلىرى ئارىسىدا ئانالتايامۇ بار بولۇپ، ئانتاليانىڭ دېڭىز ساياھەتچىلىكدىن سىرت سودا-سېتىق مەركەزلىرى، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تەڭداشسىز تەبىئىي گۈزەللىكلىرى، شاقىراتمىلىرى ۋە ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرىغا ئىگە بولۇشى ئەرەب ساياھاتچىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلماقتا.

يېقىنقى مەزگىللەردە ئانتالىيادا ئەرەب چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى لىنتىغا ئېلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ تۈركىيە چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئەرەب دۇنياسىدا تارقىتىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن رايونغا كېلىۋاتقان ئەرەب ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 6، 7 ھەسسە ئاشتى.

تۇرمۇش شەكلى، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئوخشاشلىقلار ئوتتۇرا شەرقلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقان ئامىللاردىن يەنە بىرىدۇر. دەرۋەقە، ئوتتۇرا شەرقلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت چۈشەنچىسى ئائىلە مەركەزلىك بولۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ خوشال بولۇشىنى مەقسەت قىلىدىغان ئەرەب ساياھەتچىلەر سودا-سېتىق قىلىش، لەززەتلىك تاماق يېيىش ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلەرنى تاماشا قىلىشنى خالايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيەدىمۇ تولىمۇ كەڭرىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر