ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتى باشلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 3 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا زىيارىتى باشلىدى.

501505
ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى ئۇگانداغا يېتىپ باردى. جۇمھۇر رەئىس ئۇگاندا پىرېزىدېنتى يۇۋېرى مۇسېۋېنى تەرىپىدىن پىرېزىدېنت سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنىدۇ.

ئىككى رەھبەر ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، كېلىشىم تۈزۈش مۇراسىملىرىدىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئەردوغان ماكېرېرې ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلىدىغان مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن، ئۇگاندا پىرېزىدېنتى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە – ئۇگاندا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتىشىدۇ، ئارقىدىن سودا – سانائەتچىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈركىيەدىن بىر رەھبەرنىڭ جۇمھۇر رەئىس سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم ئۇگاندادا زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر