تۈركىيە سانائەتتە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا

تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى يىلسېرى ئاشماقتا.

498482
تۈركىيە سانائەتتە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر بىرلىكىنىڭ باشلىقى رىفات ھىسارجىكئوغلۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ تۇنجى چارىكىدىن باشلاپ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %5.6 دىن يۇقىرى بولغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي بىلەن ھىندىستاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇنداق ئېشىش ھېچيەردە يوق ئىكەن. 2015 – يىلى ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى %4 بولغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى بۇ يىل زور مىقداردا ئاشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر