تۈركىيە نىزامىنىڭ ئۆلۈم جازاسىدىن كېيىن داككادىكى ئەلچىسىنى چاقىرتتى

تۈركىيە داككادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دەۋرىم ئۆزتۈركنى كېڭىشىش مەقسىتىدە ئەنقەرەگە چاقىرتتى.

489641
تۈركىيە نىزامىنىڭ ئۆلۈم جازاسىدىن كېيىن داككادىكى ئەلچىسىنى چاقىرتتى
Ankara.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، باڭلادېش جامائەتى ئىسلامىي (ئىسلام جامائىتى) پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مۇتىيئۇرراھمان نىزامىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ داككادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دەۋرىم ئۆزتۈركنى كېڭىشىش مەقسىتىدە ئەنقەرەگە چاقىرتتى.

باش ئەلچى ئۆزتۈركنىڭ بۈگۈن تۈركىيەگە يېتىپ كېلىشى كۈتۈلمەكتە.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، باڭلادېشتا ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەسىس قىلىنغان ‹ئۇرۇش جىنايەتلىرى مەھكىمىسى› دە سوتلانغان نىزامىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر