تۈركىيە گېرمانىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ گېرمانىيەدە ۋەكالەتخانا ئاچقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

487326
تۈركىيە گېرمانىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پ ي د نىڭ گېرمانىيەدە ۋەكالەتخانا ئېچىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ پ ي د نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

 ئۇ گېرمانىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان «ئاتالمىش» 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ لايىھەسىنىمۇ تەنقىد قىلدى. ئۇ يېقىقى كۈنلەردە گېرمانىيەنىڭ مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا بىتەرەپ تۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تەكلىپ لايىھەسى قوبۇل قىلىنغان ئەھۋالدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزۈلگەن قايتا قوبۇل قىلىش كېلىشىمى دائىرىسىدە، بەش ئايدا 386 كۆچمەننىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، 125 سۈرىيەلىكنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر