تۈركىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 1915 – يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

476748
تۈركىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى
USA: Obama met en garde la Garde nationale

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 1915 – يىلى ۋەقەلىرى توغرىسىدا قىلغان 22 – ئاپرېلدىكى سۆزى 1 – دۇنيانىڭ ئۇرۇش شارائىتىدا يۈز بەرگەن كۈلپەتلەرنىڭ بىر تەرەپلىمە تارىخ بايانى ئاساسىدا مۇلاھىزە قىلىنىشىنىڭ يېڭى بىر ئۈلگىسىدۇر» دېيىلدى.

تۈركىيەنىڭ تۈرك ۋە ئەرمەن خەلقلىرىنىڭ ئەسىرلەرگە سۇزۇلغان بىرلىكتە ياشاش ئەمەلىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، تىنچلىق ئىچىدە ئورتاق كېلەچەك بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى سەمىمىي يۇسۇندا ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بۇ چاقىرىقنى قوللاشنىڭ ئورنىغا سۈركىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەرەپدارى كىشىلەرنى جاسارەتلەندۈرۈشى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىشتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ھازىرغىچە تارىختىكى ئازابلىق ئۆتمۈشنى سىياسەتتە سۇيىئىستېمال قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كەلمىگەنلىكىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتكە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا يەنە تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى: «ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانىكەن، ھەر يىلى مۇئەييەن كۈنلەردە ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويىدىغان سىياسىي پوزىتسىيەلەردىن مەنپەئەت ئۈندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان تەرەپلەر دوستلۇق ۋە تىنچلىق ئۈمىدىنى جاراھەتلەندۈرۈش بىلەنلا قالماستىن، بىر مەنىدە ئۇ دەۋردە يۈز بەرگەن ئازابلىق ئەھۋاللارغىمۇ بىھۆرمەتلىك قىلماقتا. بۇ دائىرىدە ئامېرىكا دائىرىلىرىنى تارىخىي رېئاللىقنى ئادىل نۇقتىدا تۇرۇپ باھالاپ، پۈتكۈل تەرەپلەرنىڭ ئازابلىرىنى نەزەردە تۇتىدىغان، بىتەرەپ، سوغۇققان ۋە ئىجابىي پوزىتسىيە بەلگىلەشكە چاقىرىمىز.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما 1915 – يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى سۆزى ئەسناسىدا ئەرمەنچە «بۈيۈك پالاكەت» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «مېدس يېغېرن» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر