«ياۋروپا ۋەدىسىدە تۇرمىسا، تۈركىيەمۇ تۇرمايدۇ»

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشىم بويىچە ئىيۇن ئېيىدا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان تەقدىرىدە، تۈركىيەنىڭمۇ بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇنلىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

474083
«ياۋروپا ۋەدىسىدە تۇرمىسا، تۈركىيەمۇ تۇرمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ فىرانسىيەنىڭ سترازبۇرگ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا كېڭىشى مىنىستىرلار كومىتېتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىدە ئومۇمىي كېڭەشتە بىر قانچە قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۈگۈن قىلىدىغان سۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئومۇمىي كېڭەشتە تۈركچە سۆز قىلغان تۇنجى باش مىنىستىر بولۇش شەرىپىگە نائىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان مۇھىم تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ياۋروپا كېڭىشىدە سىياسىي تەسىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ۋە ياۋروپادا ئورنىنىڭمۇ بارغانسېرى مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ، «گېرمانىيەدە چىقىدىغان بىر گېزىتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋىزا ئىشلىرىنى قوشۇمچە بىر ماددا بىلەن چەكلەشكە ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىندى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بەزى مەسىلىلەردە ۋەدە بەردى، ئەگەر بۇ ۋەدىلەر ئورۇنلانمىغان تەقدىردە تۈركىيە قانداق قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ئىيۇن ئېيىدا ۋىزىنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچتە تۇرۇۋاتىمەن. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە، ھېچكىم تۈركىيەنى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا زورلىيالمايدۇ» دېدى.

مۇخبىرلار باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇدىن كرېمىل سارىيىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئوباما – پۇتىن ئۇچرىشىشى» دا، تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىنى تاقاش مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەن – كەلمىگەنلىكى ھەققىدە سوئال سورىدى.

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە چېگرالىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى قارارنى پەقەت تۈركىيەنىڭلا بېرىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ مەسىلىنى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ پەردە ئارقىسىدا مۇزاكىرە قىلىشىنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە كۈتۈۋاتقان مۇساپىرلار كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈلگەندە، تۈركىيەگە پەقەت رەھمەت ئېيتىش مەجبۇرىيىتى بار، ھېچكىمنىڭ سوراق قىلىش ھوقۇقى يوق.»

ئۇ كىلىسكە چۈشكەن راكېتامىيوت ئوقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«قوماندانلىق ئىشتابى دەل ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدى. بۇندىن كېيىن، بۇ تەدبىرلەر چېگرا بويلىرىدا كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر