ئەردوغان: تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقى تېررورلۇققا ھەرگىزمۇ تەسلىم بولمايدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تېررورلۇقنىڭ كۆلەڭگىسىگە ھەرگىزمۇ تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

454887
ئەردوغان: تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقى تېررورلۇققا ھەرگىزمۇ تەسلىم بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھالىچ كونگرە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلدى. ئۇ: «دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىز نىشانىدىن ھەرگىزمۇ يىراقلاشمايدۇ، غايىسىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. ئاللاھ خالىسا، خەلقىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە بىر پۈتۈنلۈكىگە، دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىگە چىقىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئارقىسىدىكى كۈچلەرنى ھامان بىر كۈنى مەغلۇپ قىلىمىز» دېدى. ئۇ ھەممە كىشىنىڭ، تېررورىستلارنىڭ مەقسىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە قورقۇنچ ۋە ئەندىشەلەرنى سېلىش ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنداق ھۇجۇملار بىلەن مەقسىتىگە يەتكەن ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پايتەخت بىريۇسسېلدا چېدىر قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان بېلگىيە ھۆكۈمىتىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلدى. ئۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى پارىژدا يۈز بەرسە قىيامەتنى قايىم قىلغانلانىڭ، ئوخشاش ھۇجۇم ئەنقەرە، ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەندە، نېمە ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بىريۇسسېلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ لاتىسىنى لەپىلدىتىشكە رۇخسەت قىلغانلارنىڭ، دوستلۇققا مۇناسىپ ئەمەسدلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلغان تەشكىلاتنىڭ بۇ خىل پائالىيىتىگە رۇخسەت قىلغان بىريۇسسېل ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «قىيىنچىلىقتا بىز بىلەن بىرگە بولغان دوستلىرىمىزنى ھېچقاچان ئۇنتۇمايمىز، بىزگە توغرىلانغان قوراللارنى قوللىغانلارنىمۇ ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىدە، ئىستانبۇلدىكى ئىستىقلال كوچىسىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۈچ ئىسىرائىلىيە پۇقراسى ۋە بىر ئىران پۇقراسى ئۈچۈن ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى رېيۇۋېن رىۋلىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھاسان رۇھانىغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەزىيە تېلېگراممىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يارىلانغان 10 ئىسىرائىلىيە پۇقراسى ۋە ئۈچ ئىران پۇقراسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر