قۇرتۇلمۇش: ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەرنىڭ ئاستىدا ئادالەتسىزلىك بار

تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەممە مەسىلىلەرنىڭ ئاستىدا ئادالەتسىزلىك ۋە پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئىسىرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغانلىقىنىڭ ياتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

446047
قۇرتۇلمۇش: ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەرنىڭ ئاستىدا ئادالەتسىزلىك بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن «پەلەستىن ۋە قۇددۇس» تېمىلىق يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن ئايرىپ، قورشاۋدا تۇتۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ رايوننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئېھتىياجىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش پەلەستىننى ساياھەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەكلىكىنى، بۇ ئارقىلىق پەلەستىن خەلقى ۋە ھەرەم شەرىفكە ئىگە چىقىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يىلتىزى سۈرىيەگە تۇتىشىدىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇ: «پەلەستىندىكى تىنچلىق مۇساپىسىغا زىيان سالىدىغان ۋە پالتا چاپىدىغان ۋەقەلەر، رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئادالەتسىزلىك ۋە پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئىسىرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىۋېلىشى ياتىدۇ» دېدى.

بۇ جەرياندا، 2014 – يىلى نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن رابات يىغىنىدا، تۈركىيە تەكلىپ قىلغان ئىككى ماددا، بۈگۈن قوبۇل قىلىنىدىغان جاكارتا خىتابنامىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئىككى ماددىغا ئاساسلانغاندا، پەلەستىنلىكلەر دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر ئارا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تەرەپدارلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسى، بارلىق خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە پەلەستىننى قوللاش ئۈچۈن سەپەرۋەرگە كەلتۈرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر