چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
432875
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ ھامموند بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرەلەشتى. كۆرشۈشتە، يېقىنقى كۈنلەردە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 11 – فېۋرال مىيۇنخىندا ئېچىلغان خەلقئارالىق سۈرىيەنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان خىتابنامىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.