تۈركىيە نوپۇسى 78 مىليون 74153غا يەتتى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 2015-يىلى 78 مىليون 74153غا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

425334
تۈركىيە نوپۇسى 78 مىليون 74153غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە نوپۇسى 2015-يىلدا ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 1 مىليون 45149 مىڭ كىشى كۆپىيىپ 78مىليون 74153غا يەتتى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «ئادرىسقا تايانغان نوپۇس سىستېمىسى 2015 نەتىجىلىرى»نى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلدىن باشلاپ 77 مىليون 695 904 كىشى بولغان تۈركىيە نوپۇسى 1 مىليون 45149 ئادەم كۆپىيىپ 2015-يىلنىڭ ئاخىرىدا 78 مىليون 74153غا يەتكەن.

ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %50.2نى ئەرلەر، %49.8 نى ئاياللار تەشكىل قىلىدىكەن.

يىللىق نوپۇس كۆپىيىش سۈرئىتى 2014-يىلى مىڭدە 13.3 بولغان بولسا، 2015-يىلى مىڭدە 13.4غا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر