ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە - ئىتالىيە سودا مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنا

غ

146670
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە - ئىتالىيە سودا مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئىتالىيە كارخانىچىلىرىغا چاقىرىق ئېلان قىلدى.
باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئىتالىيە باش مىنىستىرى ماتتېئو رەنزى بىلەن بىرگە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە - ئىتالىيە سودا مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمغا قاتناشتى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىرادىسى سىياسىي ئىرادە بىلەن بىرلىشىدىغانلا بولسا، تۈركىيە – ئىتالىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاتاق ناملىق تىكئۇچار ئايروپىلان ۋە تۈركسات سونئىي ھەمراھىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ئىتالىيە بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەرگە نىسبەتەن مۇداپىئە سانائىتىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق ساھەسى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيەنىڭ دىنامىك قۇرۇلىشى، دېموكراتىك ۋە قانۇندا ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشتەك ئېڭى بىلەن تاشقى سېلىنمىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئىتالىيە شىركەتلىرىنى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىق قىلىپ، تۈركىيەدە بىر ئىتالىيە – تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېچىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ «مەسىلىنى كارخانىچىلار ئالدىنقى پىلانغا ئالدىغانلا بولسا، بىز ھەر تۈرلۈك ئاسانلىقلارنى يارىتىپ بېرىشكە تاييارمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر