تۈركىيە مۇھىم مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
سلوۋاكىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىستىرى مىروسلاۋ لاججاك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئەنقەرەگە كەلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاججاك، TRT نىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ سلوۋاكىيە ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى باسقۇچىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن لاججاك، تۈركىيە ئەزا بولغان تەقدىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
لاججاكنىڭ كۈنتەرتىپىدە تەبىئىي گاز مەسىلىسىمۇ بار ئىدى.
لاججاك بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «سلوۋاكىيە بىلەن تۈركىيە – بۇلغارىيە چېگرىسى ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى بەرپا قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718724486)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718724486)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.