تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، پەلەستىننىڭ قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش ۋە ئايرىش تېمىغا مەسئۇل مىنىستىرى زىياد ئەبۇ ئەيىننىڭ غەربى قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئېغىر ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ناچار مۇئامىلىسى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋەقە سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە ۋەقەنىڭ بىتەرەپ شۇنداقلا ئەتراپلىق شەكىلدە تەكشۈرۈلۈپ، جاۋابكارلارنىڭ قانۇننىڭ بىتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشىنى كۈتمەكتىمىز» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى. باياناتتا، يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىشغالنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئادەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر شەكىلدە دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى.
باياناتتا يەنە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆز ئانا يۇرتلىرىدا ھەر تۈرلۈك ناچار مۇئامىلىگە دۇچار بولۇپ كەلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنسىز، دۆلەتسىز تاشلاپ قويۇلۇشىنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا، «ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى تەلۋىلەرچە قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا توختىتىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتلىك تىنچلىق پىكرى دائىرىسىدە ئىشغالغا ۋاقتىدا خاتىمە بېرىلىپ، پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز لايىق بولغان بىخەتەر، مۇقىم ۋە باياشات تۇرمۇشقا ئىگە بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېيىلدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرىغا تېلېفون ئېلىپ، پەلەستىننىڭ قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش ۋە ئايرىش تېمىغا مەسئۇل مىنىستىرى زىياد ئەبۇ ئەيىننىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718808255)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718808255)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.