كەمېرون: ئى ش ئى د ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمپىكىرمىز

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ديېۋىد كەمېرون ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

142865
كەمېرون: ئى ش ئى د ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمپىكىرمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ديېۋىد كەمېروننىڭ نۇقتىلىق كۈنتەرتىپىنى ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەش، سۇرىيە ۋە ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىقلار تەشكىل قىلدى.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ديېۋىد كەمېرون بىرىنچى بولۇپ باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

داۋۇتئوغلۇ، سۇرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇملىرىغا قارشى روشەن پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، «سۇرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى بىز ئۈچۈن تۈگىدى» دېدى. سۇرىيە ۋە خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ديېۋىد كەمېرون بىلەن تولۇق پىكىر بىرلىكى ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، ئى ش ئى د تېررورىغا قارشى قانداق ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقى مەسىلىسىنىڭمۇ ئەتراپلىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ديېۋىد كەمېرونمۇ، «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇشىنى قوللىشىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى ۋە «يېگانە مۇددىئايىمىز ئىنسانلارنىڭ تۈركىيەدە تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» دېگەن كەمېرون، ئى ش ئى د نى يوقىتىش ۋە قانۇنلۇق سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللاش مەسىلىسىدە ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ چەت ئەللىك جەڭچىلەرنى توختىتىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى، پارلامېنتلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

داۋۇتئوغلۇمۇ، تۈركىيەنىڭ چەت ئەللىك جەڭچىلەر مەسىلسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ روشەن ۋە ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە بۇ مەسىلىدە ئەنگلىيە بىلەن ئوخشاش پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ديېۋىد كەمېرون ئارقىدىن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىگە بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى رەھبەر خىزمەت زىياپىتىدە ئۆزئارا ئۇچراشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر