تۈركىيە ئۇكرائىنادىكى يېڭى ھۆكۈمەتنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئۇكرائىنادىكى يېڭى ھۆكۈمەت ھەققىدە بايانات بەردى.

137410
تۈركىيە ئۇكرائىنادىكى يېڭى ھۆكۈمەتنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۇكرائىنادا ئارسېنىي ياتسېنيۇك باشچىلىقىدا قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتنى تەبرىكلەيدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى نايامەن قىلغان 26-ئۆكتەبىر پارلامېنت سايلاملىرىدىن كېيىن، ناھايىتى پۇختا تەييارلىقلار نەتىجىسىدە قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتكە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمىز» دېيىلدى.
ئۇكرائىنانىڭ ھازىرقىدەك ھالقىلىق ۋەزىيىتىدە قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ زور سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا مۇشۇنداق قىيىن كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، مۇنۇلار قەيت قىلىندى:«بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمىز، دوست ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئامانلىققا، خاتىرجەملىككە ۋە باياشاتچىلىققا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر