تۈركىيە، مىسىرنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قاتتىق رەددىيە قايتۇردى

ئەنقەرە، مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

134737
تۈركىيە، مىسىرنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قاتتىق رەددىيە قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ھەربىي ئۆزگىرىش رەھبەرلىرى تەرىپىدىن تېڭىلغانلىقىغا قىل سىغمايدىغان بايانات، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئېتىبارسىزدۇر. بىر ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ دېموكراتىك سايلاملار ئارقىلىق سايلانغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىگە قاراتقان ئەيىبلەشلىرىگە نە ئەستايىدىل قارالمايدۇ، نە قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېيىلدى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، «مىسىرنىڭ ھەربىي ئىنقىلاب قوزغىغۇچى رەھبەرلىرىنىڭ چاقىرىق ۋە تەۋسىيەلىرىمىزنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭقىرالىغۇدەك قابىلىيەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ۋە دۆلىتىمىزگە قارشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەۋالارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر