ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئىبادى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تۈنۈگۈن (6 – ئۆكتەبىر) ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەلئىبادى بىلەن كۆرۈشتى.

150175
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئىبادى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىبادىغا ھېيتلىق تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەن. كۆرۈشۈشتە، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنغاندىن باشقا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە ئۆزئارا زىيارەتلەرنى كۆپەيتىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان.
كېيىنكى كۈنلەردە زىيارەتلەرنىڭ سەۋىيەسى ۋە ۋاقتىنىڭ بەلگىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر