رەھبەرلەر قۇربان ھېيت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇھىم سۆز قىلدى

ئەردوغان، «رايونىمىز كىرىزىسلەر بىلەن لەرزىگە كېلىۋاتقان، قان ۋە كۆز ياشلىرى سەل بولۇپ ئېقىۋاتقان، بىگۇناھ بالىلار، ئاياللار، بىچارە ئىنسانلار توپ توپ ھالدا ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلىۋاتقان، مىليونلىغان ئىنسانلار يۈرت – ماكانلىرىدىن، ئائىلىسىدىن، ۋەتەن تۇپراقلىرىدىن قوغلىنىۋاتقان بۇنداق پەيتتە، بىزنىڭ قاراپ تۇرىشىمىز مۈمكىن ئەمەس» دېدى.

149761
رەھبەرلەر قۇربان ھېيت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن قۇربان ھېيت كۈنى،
بۈگۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىنىي بايراملىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى،
دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇربان ھېيت مۇناسىۋېتى بىلەن مەخسۇس تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.
ئەردوغان تەبرىكنامىسىدا سۈرىيە ۋە ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر تەرەپكە دىققەتنى تارتىپ، «يېقىن ئەتراپىمىزدا قان ئېقىۋاتقان، زۇلۇم – سېتەملەر پۈتۈن ئەپتى - بەشىرىسى بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنى نالە قىلدۇرۇۋاتقان، نامراتلىق ئەڭ ئېغىر شەكىلدە ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان مۇشۇنداق ئازابلىق ۋەزىيەتتە، ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز، قۇربان ھېيتنىڭ ئەقىل – ئىدراكلارغا نۇر بولۇشى، قەلبلەرنى يۇمشىتىشى، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ۋىجدان ۋە كۆيۈم – شەپقەتنى ئەسلىتىشىدىن ئىبارەتتۇر» دېدى.
ئەردوغان تەبرىكنامىسىدە، «بىز رايونىمىزدا تىنچلىقنى خالايمىز، خاتىرجەملىك، بىخەتەرلىك ۋە باياشاتلىقنى خالايمىز. رايونىمىزدىكى ھېچ بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدا ياكى زېمىنىدا كۆزىمىز يوق، بىراق رايونىمىز كىرىزىسلەر بىلەن لەرزىگە كېلىۋاتقان، قان ۋە كۆز ياشلىرى سەل بولۇپ ئېقىۋاتقان، بىگۇناھ بالىلار، ئاياللار، بىچارە ئىنسانلار توپ توپ ھالدا ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلىۋاتقان، مىليونلىغان ئىنسانلار يۈرت – ماكانلىرىدىن، ئائىلىسىدىن، ۋەتەن تۇپراقلىرىدىن قوغلىنىۋاتقان بۇنداق پەيتتە، بىزنىڭ بۇ ئىشلارغا قاراپ تۇرىشىمىز مۈمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.
«قوربانلىق مەرتلىكتۇر، ھەمكارلىشىشتۇر، يوقسۇللارنى سۆيۈندۈرۈشتۇر» دېگەن جۇمھۇر رەئىسمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ھېيتنىڭ تۈركىيە قاتارلىق پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى ۋە بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياخشىلىقلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى، جەمىل چېچەكمۇ ھېيتلىق تەبرىكنامىسىدە تىنچلىق، قېرىنداشلىق ۋە ياردەملىشىشنى تەكىتلەپ: «ھەر دائىمقىغا ئوخشاش بۇ ھېيتتىمۇ دۆلتىمىزدە پاناھلىنىۋاتقان ئىراقلىق ۋە سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم. بۇ ھېيتنى ئۇلارنىڭ چېكىۋاتقان ئازابلىرى سەۋەبىدىن كۆڭۈلسىز بىر شەكىلدە ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق» دېدى.
دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇمۇ قۇربان ھېيتلىق تەبرىكنامىسىدە، چېگرادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر تەرەپكە دىققەتنى تارتىپ، سۆيۈنۈش ۋە شاتلىق كۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان قۇربان ھېيتنىڭ كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئازابلىنىش ئىچىدە كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان تەخمىنەن 1 يېرىم مىليون سۈرىيە پۇقراسى بارلىقىنى ئەسلىتىپ، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر تەرەپتىن رايوندىكى تىراگېدىيەلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان قېرىداشلىرىمىزنىڭ يارىسىغا مەلھەم بولۇشقا تىرىشۋاتىمىز، قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشىكىمىزنى، داستىخانىمىزنى، ئەڭ مۇھىمى يۈرىگىمىز ۋە قەلبىمىزنى ئاچىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر