داۋوتئوغلۇ: تۈركىيەنىڭ ئى ش ئى د گە تۇتقان پوزىتسىيەسى روشەن

باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتىگە قارىتا باشتىنلا پوزىتسىيەسىنى روشەن قىلىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

145914
داۋوتئوغلۇ: تۈركىيەنىڭ ئى ش ئى د گە تۇتقان پوزىتسىيەسى روشەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا بولغان پوزىتسىيەنى باشتىنلا روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى (ئى ش ئى د) گە قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ ئۈچ ئاساسلىق شەرتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

«بىرىنچىسى شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرى ۋە خەۋپسىزلىكىدۇر» دېگەن داۋۇتئوغلۇ، «بۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەييارلىقنى قىلىمىز. بۇنى قىلغاندا يەنە ئەزىز مىللىتىمىزدىن باشقا ھېچكىمدىن سورىمايمىز، ھېچكىمگە ھېسابمۇ بەرمەيمىز. ئىككىنچىسى، تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەزھەپ، ئىرق، تىل ۋە دىن ئوخشىماسلىقىغا قارىماستىن، قوشنىلىرىمىزدىن كەلگەن بارلىق تۇغقانلىرىمىزغا ئىنسانلىق نامىدىن ئىگە چىقىمىز. ئۈچىنچىسى بولسا، رايوننىڭ مۇقىملىقى. بىز بۇ رايوندا مۇقىملىق، باياشاتلىق ۋە بىخەتەر كېلەچەكنىڭ بولۇشىنى خالايمىز. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن كېرەكلىك ھەر تۈرلۈك ھەمكارلىقنى ئورنىتىشقا تەييارمىز.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «چېگرايىمىزغا كەلگەن، ئىشىكىمىزنى قاققان، ياردەم تەلەپ قىلىپ قولىنى سوزغان بۇ كىشىلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، تۇغقانلىرىمىز، دوستلىرىمىز، قوشنىلىرىمىزدۇر» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر