چاۋۇشئوغلۇ بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى
دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، نىيۇ يوركتا تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، نىيۇ يوركتا تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى.
بان كىمون، رايوندىكى بىخەتەرلىك تەھدىتىنىڭ سەۋەبىنىڭ سۈرىيەدىكى مۇقىمسىزلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ تەھدىتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىر ئىستىراتېگىيەلىك پىلان دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق ھەر كۈنى يېڭى - يېڭى تىراگېدىيەلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، شۇڭا سۈرىيەدە بىتەرەپ رايون تەشكىل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن دۆلىتىدىن قېچىۋاتقان سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇچرىشىشتا، قىبرىس مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
بان كىمون، بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان مەسىلىلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلەش كېرەكلىكىنى ئېيتتى، چاۋۇشئوغلۇ بولسا ھەم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ھەمدە تۈركىيەنىڭ مەسىلىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718766806)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718766806)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.