داۋۇتئوغلۇ بەزى رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئىستانبۇلدا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشقان بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

143954
داۋۇتئوغلۇ بەزى رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ دولماباغچىدىكى ئىشخانىسىدا شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتى 1 يېرىم سائەت داۋاملاشتى. ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ چۈشتىن كېيىن قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ ۋە زانزىبار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سائىف شارىف بىلەن كۆرۈشتى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ كەچ تەرەپتە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ ۋە نۇتۇق سۆزلەيدۇ، ئارقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى بارروسو بىلەن كۆرۈشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر