ب د ت ۋەكىللىرى يۇمۇرتالىقتا زىيارەتتە بولدى

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى شانلىئۇرفانىڭ سۇرۇچ ناھىيەسىدىكى يۇمۇرتالىق چېگراسىنىڭ نۆل نۇقتىسىدا زىيارەتتە بولدى.

141795
ب د ت ۋەكىللىرى يۇمۇرتالىقتا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئى ش ئى د) تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇقىدىن قېچىپ تۈركىيەدە پاناھلانماقچى بولغان سۈرىيە خەلقىنىڭ شانلىئۇرفانىڭ سۇرۇچ ناھىيەسىدىكى يۇمۇرتالىق چېگرا ئېغىزىدىن تۈركىيەگە كىرىشى داۋاملاشماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كارول باتچېلور بىلەن تۈركىيە باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىگە قاراشلىق تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى فۇئات ئوكتاي يۇمۇرتالىق چېگراسىنىڭ نۆل نۇقتىسىدا تۈنۈگۈن زىياەتتە بولدى.
كارول باتچېلور ۋە فۇئات ئوكتاي ھەربىي مەسئۇللاردىن مەلۇمات ئالدى ھەمدە چېگرادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىزىلئاي جەمئىيىتى سەھىيە خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتى.
تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى فۇئات ئوكتاي ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە 163 مىڭ 831 سۈرىيە پۇقراسىنىڭ پاناھلىنىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى ياردەمگە چاقىردى.
تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەر سانىنىڭ 1 مىليون 530 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئوكتاي، «بۇ پەقەتلا تۈركىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەس، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭمۇ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر» دېدى.
فۇئات ئوكتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېتەرلىك ياردەم قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.
كارول باتچېلورمۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە خەلقىگە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن ئالاھىدە رەخمىتىنى تىلغا ئېلىپ، باشقا دۆلەتلەرنى ياردەم قىلشقا چاقىرىق قىلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر