ئەردوغان نىيۇ يوركتا ئوباما ۋە بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، نىيۇ يوركتىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىككى مۇھىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

139884
ئەردوغان نىيۇ يوركتا ئوباما ۋە بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، نىيۇ يوركتىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىككى مۇھىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.
ئەردوغان، ئالدى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى.
ئۇچرىشىشتا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، سۈرىيە ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
ئىككى رەھبەر، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش ۋە سۈرىيە مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق ئىستىراتېگىيەلىك پىلان دائىرىسىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەشتى ھەمدە ئالدىمىزدىكى باسۇۇچتىمۇ ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كېيىنچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىننى قوبۇل قىلدى.
ئەردوغان بىلەن بايدىن، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەردە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئۇچرىشىشتا، ئىراقتا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان پائالىيەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ پائالىيەتلەرگە ياردەم بېرىشى لازىملىقى تەكىتلەندى.
سۈرىيەدە يېڭى تۈزۈم ئورنىتىلىشى ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى مەسىلىسىمۇ ئۇچرىشىشنىڭ كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى ئىدى.
رايوندا بارغانسېرى ئەۋىج ئېلىپ كېتىۋاتقان كۆچمەنلىك مەسىلىسىگە چارە تېپىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئامېرىكا سودا كېڭىشى بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى.
تۈركىيەلىك ۋە ئامېرىكىلىق كارخانىچىلار بىر يەرگە جەم بولغان يىغىندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر