ئەردوغان بانكىمۇننىڭ زىياپىتىگە بارمىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا پەۋقۇلئاددە مەيدانىنى ئىپادىلىدى.
140789
تۈركىيە ئاۋازى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىدا پەۋقۇلئاددە مەيدانىنى ئىپادىلىدى.
دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بانكىمۇن تەرىپىدىن بېرىلگەن چۈشلۈك زىياپەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلدى ۋە مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئابدۇلفەتتاھ ئەلسىسى بىلەن ئوخشاش ئۈستەلدە ئولتۇرىدىغانلىقى يۈزىسىدىن قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغاننىڭ «مەن پىرىنسىپلىرىمغا خىلاپ ھەرىكەت قىلمايمەن» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718907318)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.