چەشمە ناھىيەسىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر قولغا ئېلىندى
ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسىدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە قاچماقچى بولغان 95 نەپەر كۆچمەن قولغا ئېلىندى.
140811
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسىدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە قاچماقچى بولغان 95 نەپەر كۆچمەن قولغا ئېلىندى.
چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساھىل ئامانلىقنى ساقلاش قوماندانلىق ئىشتابى ئەترىتى دېڭىزدا سۇ ئۆتۈپ كېتىپ چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر پاراخوتنى بايقىدى.
ئامانلىقنى ساقلاش ئەترىتىنىڭ كاتىرلىرى بىر سائەت جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە 95 نەپەر سۈرىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەننى سۇغا غەرق بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ قالدى.
قانۇنسىز كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ژاندارمىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718934987)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.