ئەردوغان: تېررورنى «قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە» ياراتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ب د ت نىڭ 69- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ۋە چەت ئەللىك جەڭچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

137827
ئەردوغان: تېررورنى «قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە» ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئەردوغان رايوندىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى؛ ئۇ سۆزىدە، ئىراقتا يۈز بەرگەن كىرىزىسنىڭ تۈركىيە قاتارلىق رايون ئەللىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، سۇرىيە مەسىلىسىنىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدە چەكتىن ئېشىپ كېتىشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پەلەستىندە يېرىم ئەسىردىن بويان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىنىڭمۇ رايوندىكى كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئەردوغان، غەززە مۇھاسىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ يېنىدا مۇستەقىل شۇنداقلا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالايدىغان بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي، ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. سۆزى جەريانىدا مىسىردىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە سۈكۈت قىلىدىغان ئىش بولسا، ب د ت نېمىشقا مەۋجۇت؟» دەپ سورىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رايوندىكى قىرغىنچىلىقلار ۋە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە سۈكۈت قىلغۇچىلارنىڭمۇ بۇ ئىنسانلىق جىنايىتىگە شېرىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. سۆزىدە تېررورلۇق مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسىلىلەرگە قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ تېررورنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىن كېيىن چەت ئەللىك جەڭچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قولى قانغا بويالغان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەردوغان، «تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە دۆلەت مەنپەئەتىمىز تەقەززا قىلىدىغان بارلىق قەدەملەر رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىنسانىي شەرتلەر نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا تاشلىنىدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر