ئەردوغان نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولماقتا.

135644
 ئەردوغان نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولماقتا.
ئۇچرىشىشلىرى تۈنۈگۈن باشلانغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئالدى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ داڭلىق تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىگە خىتاب قىلدى.
نۇتىقىدا، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تارىختىن ئۆتكۈزۈۋالغان مول تەجرىبە - ساۋاقلىرى بىلەن ھەر جەھەتتىن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تىنچلىققا ھەسسە قوشۇشنى دااۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى باشتىن تارتىپلا تىنچلىق، ھەمكارلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە ھەققانىيەتنى نىشان قىلىپ كەلمەكتە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. تۈركىيە ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك ئۆلچەملىرى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىدىن پادينىلىپ رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى يولىدا ئۈلگە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
ئەردوغان كېيىنچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، سۈرىيەلىك مۇساپىرلار، ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون، قىبرىس مەسىلىسى، غەززە، ئۇكرائىنا، سومالىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم، مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېبولا ۋىرۇسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون، مۇسۇلدا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىنىڭ ساق - سالامەت قۇتۇلدۇرۇۋېلىنىشى تۈپەيلى تۈركىيەنى تەبرىكلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىراق ۋە سۈرىيەگە بىرلا ھەرىكەت ساھەسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى، تېررورىستلار ماكانلىشىۋالغان زېمىننى ئازاد قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
بۇ ئارىلىقتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 69 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك ئۆيىدە زىياپەت بەردى.
كەچ تەرەپلەردە بولسا مەرھۇم كارخانىچى ئەھمەد ئەرتەگۈننىڭ رەپىقىسى مىجا ئەرتەگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ شەرىپىگە كەچلىك تاماق زىياپىتى بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر