رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكىدا
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يېتىپ باردى.
134197
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى مۇزاكىرىلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن نىيۇيوركقا يېتىپ باردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى نىيۇيوركتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن باشقا مەسئۇللار كۈتۈۋالىدى. ئەردوغانغا ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرى قوشۇمچە باش مۇزاكىرىچى ۋولكان بوزكىر، مۇھىت ۋە شەھەر قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرى ئىدرىس گۈللەجە، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى ھەمراھ بولدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تاشقى ئالاقە كومىتېتىدا سۆز قىلىدۇ. ئارقىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمن بىلەن كۆرۈشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718918329)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.