ئەردوغان ئەركىنلىككە ئېرىشكەن دىپلوماتلارنى قوبۇل قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى (ئى ش ئى د) نىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن دىپلوماتلارنى بۈگۈن قوبۇل قىلىدۇ.

133712
ئەردوغان ئەركىنلىككە ئېرىشكەن دىپلوماتلارنى قوبۇل قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى (ئى ش ئى د) تەرىپىدىن ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن كونسۇلخانا خادىملىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس مەھكىمىسى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كونسۇلخانا خادىملىرىنى بۈگۈن (21/09/2014) چانقايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇسۇلدا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىش جەريانىنى باشتىن ئاخىر يېقىندىن تەقىپ قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشىدىن كېيىنلا باش كونسۇل ئۆزتۈرك يىلماز ۋە رەپىقىسى ئۆزاي يىلماز بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ھال – ئەھۋال سورىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر