چاۋۇشئوغلۇ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋە پارس قولتۇقى ئەللىرىگە قاراتقان زىيارەتلىرى دائىرىسىدە قاتارنىڭ پايتەختى دوھاغا يېتىپ باردى.

120653
چاۋۇشئوغلۇ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيىندە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن دوھاغا يېتىپ بارغان دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، قاتار ئەمىرى، باش مىنىستىرى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەسسانى ۋە باش مىنىستىر ئابدۇللاھ بىن ناسىر ئەسسانى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان چاۋۇشئوغلۇ، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەلئەتىييە ۋە مەدەنىيەت – سەنئەت ئىشلىرى مىنىستىرى قاتارلىقلار بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ. چاۋۇشئوغلۇنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا سۇرىيە، ئىراق ۋە پەلەستىندىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ بار. 

دوھادا ياشايدىغان تۈركلەر بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغان چاۋۇشئوغلۇ، «ئەششەرق گېزىتى» نىڭ باش تەھرىرى جابىر ئەلھەرامىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.

دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ قاتاردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرى جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئوتتۇرا شەرقدا خەۋپسىزلىك ۋە خەۋپلەر» ناملىق خەلقئارالىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر