تۈركىيە غەزنە ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە، ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە ھۆكۈمەت بىنالىرى نىشان قىلىنغان، 20 گە يېقىن دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، 150 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، يېقىن - يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.
باياناتتا، ئافغانىستان خەلقىنىڭ تېررور تەھدىتىگە قارىماي، 2014 - يىلى 5 - ئاپرېل ۋە 14 - ئىيۇن كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرىغا قاتنىشىپ، دېموكراتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى نامايەن قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇنداق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ خەلقنىڭ ئەنە شۇ ئىشەنچىسىگە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. تۈركىيە بۇنداق مۇشەققەتلىك كۈنلەردە ئافغانىستان خەلقى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718853116)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718853116)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.