تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىن خەلقىنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىش قارارىنى ئەيىبلىدى

111826
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىن خەلقىنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىش قارارىنى ئەيىبلىدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
باياناتتا، «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىن ئاھالىسىگە ئائىت زېمىننى قانۇنسىز ئولتۇراق رايونى پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن مۇسادىرە قىلىش قارارىنى ئەيىبلەيمىز، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك زېمىننى تارتىۋېلىش قارارى، بۇ دۆلەتنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىجرائاتلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. تېل ئاۋىۋ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە غەززەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق، ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم نىشانىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى لازىم. بۇ دائىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىپ، بۇ قارارىدىن ۋاز كېچىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېيىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر