تۈركىيە: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن خوشالمىز

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەززەدە بەرپا قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

105327
تۈركىيە: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن خوشالمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بەرپا بولۇشىنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلىق ئۇرۇش توختىتىشنىڭ رايوندا تىنچلىقنىڭ بەرپا بولۇشى ۋە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق ھەل بولۇشى ئۈچۈن مۇۋاپىق زېمىن بەرپا قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. مىنىستىرلىقتىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، غەززەدە مۇددەتسىز ئۇرۇش توختىتىشتا ھاسىل قىلىنغان پىكىر بىرلىكىدىن مەمنۇنىيەت ھېس قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۇرۇش توختىغان مەزگىلدە غەززەنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن تىگىشلىك لازىمەتلىكلەرنىڭ غەززەگە دەرھال يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ، غەززەگە نەرسە-كېرەكلەر ۋە ئىنسانلارنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ بېكار قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش ۋە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەردە بارلىق ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. شۇنداقلا، «پەلەستىن خەلقنىڭ قانۇنلۇق ۋە يوللۇق تەلەپلىرىنىڭ ئورۇندىلىشىغا پايدىسى تېگىدىغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلىدىغان تىرىشچانلىقلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر