ئەردوغان غەززەلىك يارىدارلارنى يوقلىدى

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەززەدىن ئېلىپ كېلىنىپ ئەنقەرە يەنىمەھەللە دوختۇرخانىسىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغان يارىدارلارنى زىيارەت قىلدى.

102450
ئەردوغان غەززەلىك يارىدارلارنى يوقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۈن بويى ئۆيىدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنىمەھەللە دوختۇرخانىسىغا بېرىپ غەززەلىك يارىدارلارنى يوقلىدى. ئۇنى دوختۇرخانىدا سەھىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇئەززىنئوغلۇ كۈتۈۋالدى. ئۇ غەززەلىك يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى.
يەنىمەھەللە دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بەش كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 15 غەززەلىك يارىدار داۋالانماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر